نېمە ئۈچۈن بالىلارغا توغرا ئولتۇرۇش قىياپىتىنى كىچىكىدىن ئۆگىتىش كېرەك؟
الىلىق مەزگىلى ئىنسان تېنىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق باسقۇچ بولۇپ، بۇ مەزگىلدە شەكىللەنگەن ئادەتلەر كەلگۈسىدىكى سالامەتلىككە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىگە كۆڭۈل بۆلگىنى بىلەن، ئۇلارنىڭ قانداق ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈشىگە سەل قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئومۇرتقا ساغلاملىقى بالىنىڭ جىسمانىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىدۇر. كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ توغرا ئولتۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش پەقەت تاشقى كۆرۈنۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بەدەن ئەزالىرىنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاش ئۈچۈن زۆرۈردۇر.
1) ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
بالىلارنىڭ سۆڭەكلىرى تېخى تولۇق قېتىشمىغان بولۇپ، ئېلاستىكىلىقى يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر بالا كىچىكىدىن باشلاپ قىڭغىر ياكى ئېگىلىپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنسە، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىدە تۈزەلمەس ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، غادىيىپ قېلىش ياكى ئومۇرتقا ئەگرىلىكى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئومۇرتقا ساغلاملىقى ئۈچۈن توغرا قىياپەت ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

2) كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
خاتا ئولتۇرۇش قىياپىتى، مەسىلەن، ئۈستەلگە يېتىپ ئېلىش ياكى كىتابقا بەك يېقىن كېلىۋېلىش كۆز بىلەن كىتاب ئارىلىقىنى قىسقارتىۋېتىدۇ. بۇ كۆز مۇسكۇللىرىنىڭ زىيادە چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك (Myopia) خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ. توغرا ئولتۇرۇش ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتى جەھەتتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

3) ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ.
بالا ئېگىلىپ ئولتۇرغاندا، كۆكرەك بوشلۇقى ۋە قورساق بوشلۇقىدىكى ئەزالار بېسىمغا ئۇچرايدۇ. بۇ ئۆپكىنىڭ تولۇق كېڭىيىشىگە توسالغۇ بولۇپ، نەپەسلىنىشنى تېىزلىتىدۇ ۋە قاننىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئازايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىچكى ئەزالار بېسىمغا ئۇچرىغاندا ھەزىم قىلىش سىستېمىسىمۇ ئاستىلايدۇ.

4) زېھىننى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
توغرا ئولتۇرغاندا بەدەننىڭ تىرەك سىستېمىسى تەڭپۇڭ بولىدۇ ۋە قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ. مېڭىگە يېتەرلىك قان ۋە ئوكسىگېن بارغاندا، بالىنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدىكى زېھنى تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ. ئەكسىچە، تۇراقسىز ۋە خاتا قىياپەت بالىنى تېز چارچىتىپ، ئۇنىڭ دەرسكە بولغان دىققىتىنى چېچىۋېتىدۇ.

5) كەلگۈسىدىكى جىسمانىي قىياپەت ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى بەلگىلەيدۇ.
ياخشى بىر بەدەن شەكلى بالىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى تېخىمۇ سەتەڭ ۋە روھلۇق كۆرسىتىدۇ. كىچىكىدىن تۈز ئولتۇرۇشنى ئۆگەنگەن بالىلار چوڭ بولغاندا تېخىمۇ ئۆزىگە ئىشەنچلىك كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كەلگۈسىدە چوڭلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بويۇن ئاغرىقى ۋە بەل ئاغرىقى قاتارلىق سۆڭەك كېسەللىكلىرى خەۋپىنى تۈپتىن تۆۋەنلىتىدۇ.
بالىلارغا توغرا ئولتۇرۇش قىياپىتىنى ئۆگىتىش بىر كۈنلۈك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك يېتەكلەشكە موھتاج. ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئۆي جاھازلىرىنىڭ ئېگىز-تۆۋەنلىكىگە دىققەت قىلىشى، ئۇلارنى پات-پات ئەسكەرتىپ تۇرۇشى كېرەك. ساغلام بىر بەدەن قىياپىتى بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى بەختلىك ۋە ساغلام ھاياتى ئۈچۈن سېلىنغان ئەڭ چوڭ مەبلەغدۇر.
dohturlar.com